باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن تېلېفۇنلاشتى

2013.04.23 13:55        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن تېلېفۇنلاشتى. پوتىن رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگونىڭ سىچۈەن لۇشەندە قاتتىق يەر تەۋرىگەنلىكىدىن چوڭقۇر ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق قىيىن ۋاقىتتا، رۇسىيە خەلقى جۇڭگو خەلقى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ. رۇسىيە جۇڭگوغا بارلىق زۆرۈر ياردەملەرنى بېرىشنى خالايدۇ، ئىشىنىمەنكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى چوقۇم قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ. مەيلى قانداق قىيىنچىلىق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر رۇسىيە خەلقى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىشەنچلىك دوستى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپەتتە ھەقىقىي ھېسسىياتنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھەر قېتىم جۇڭگو بىلەن رۇسىيەدە زور تەبىئىي ئاپەت بولغاندا، ئىككى تەرەپ دەرھال ئۆز-ئارا مەدەت بېرىپ كەلدى. بۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىرگە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەمدە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتا قويۇق ئالاقىنى ساقلايدۇ.

  شى جىنپىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇۋاتىمىز، جۇڭگو خەلقى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئاپەت ئۈستىدىن چوقۇم غالىب كېلىپ، يۇرت ماكانىنى قايتا قۇرۇپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى خەلقنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە