باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

ئۈچ نەپەر ئەرەب ئەر بەك كىلىشكەن بولغانلىقتىن، سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن چېگرادىن چىقىرىۋېتىلگەن

2013.04.19 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگىدىن كەلگەن ئۈچ ئەر بەك كىلىشكەن بولغانلىقتىن، سەئۇدىدىكى دىن ساقچىلىرى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى .
  خەلق تورىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى.ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگىگە ۋاكالىتەن سەئۇدىي ئەرەبىستاندا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەدەنىيەت بايرىمىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ئۈچ نەپەر ئەر «بەك كىلىشكەن » بولغانلىقتىن، دىن ساقچىلىرى بۇ جايدىكى ئاياللار ئۇلارنىڭ سېھرى كۈچىگە بەرداشلىق بىرەلمەي قالمىسۇن دەپ ئەندىشە قىلىپ، ئۇلارنى چېگىرىدىن چىقىرىۋەتكەن.

  تەيۋەندىكى ئاخبارات تورى ئەرەب گېزىتى «Elaph»نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن : « بۇ بىر نەچچە ئەر شۇ كۈنى پايتەخت رىيادتا ‹سەئۇدىي جىنادرىياھ مىراسلىرى مەدەنىيەت بايرىمى› نىڭ كۆرگەزمە زالىدا دۆلىتىنىڭ مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرۇۋاتقاندا، تۇيۇقسىز قانۇن ئىجىرا قىلغۇچى بىر نەچچە خادىم يېتىپ كىلىپ، ئۇلارنى زورلۇق كۈچ بىلەن مەيداندىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلار بەك كىلىشكەن ئىكەن، كومىتېت ئەزالىرى ئۇلارنىڭ ئايال ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىۋېلىشىدىن ئەنسىرىدى» دېگەن.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ ئارقىدىنلا دۆلىتىگە قايتۇرۇلغان، ئەمما ئۇلارنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلارنى قايتۇرۇۋېتىشنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ بىر سەئۇدىلىق ئايال ئارتىسنى ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن بولغان ئىكەن. ئۆمەك باشلىقى سەئىد ئال كابى كەچۈرۈم سوراپ مۇنداق دېگەن :« بۇ ئارتىسنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشى شۇنداق توغرا كېلىپ قالدى، ئەمما ئۇ ئەسلىدە پىلانغا كىرگۈزۈلمىگەن، بۇ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەرەپ ۋە دىن ساقچىلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە