باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

قىرغىزىستان شىنجاڭنىڭ كوكىس كۆمۈرى تاۋلاش بازىرىنى نىشانلىدى

2013.04.12 17:28        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئالدىنقى ھەپتە قىرغىزىستان مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شىنجاڭ قەشقەر تۆمۈر يولى ئارقىلىق قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان چېگراسىدىكى قارا سۇ بازىرى تۆمۈر يولىنى تۇتاشتۇرۇش تۈرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، قىرغىزىستاننىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان تاۋلانغان كوكىس كۆمۈرى ئېكىسپورتىنى ئۆزلۈكسىز زورايتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  نۆۋەتتە، جۇڭگو يول-كۆۋرۈك گورۇھى شىنجاڭ قەشقەر تۆمۈر يولى ئارقىلىق قاراسۇ تۆمۈر يولىنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتىنى تاماملىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ تۆمۈر يول 2017-يىلىدىن كېيىن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىغان بولۇپ، يىللىق توشۇش ئىقتىدارى 15 مىليون توننىغا يېتىدىكەن.

  شىنجاڭنىڭ كۆمۈر مەنبەسى مول، ئەمما تۆمۈر تاۋلاشقا ئىشلىتىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تاۋلانغان كوكىس كۆمۈرى كەمچىل. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئىشلىتىلىدىغان تاۋلانغان كوكۇس كۆمۈرى ئاساسلىقى شەنشىدىن ئېلىپ كېلىنگەن، كەلگۈسىدە قىرغىزىستاندا تاۋلانغان كوكۇس كۆمۈرى زور مىقداردا شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە