باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاقتىدا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقتىن 3800 دىن ئارتۇق ئادەم ئامان قالدى

2013.04.24 16:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: يەر تەۋرەۋاتقان مەزگىلدە، يائەندىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇردى، ئۆزى ئەڭ ئاخىرىدا سىنىپتىن ئايرىلدى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلار ۋىدىيو نازارەت ئاپپاراتىدا ساقلىنىپ قالغان ئىدى.

  20-ئاپرىل يەر تەۋرىگەن چاغدا، يائەننىڭ مىڭشەندىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىق ئۈچىنچى سىنىپىدا دەرس ئۆتۈلىۋاتاتتى، سىنىپ ئىچى قاتتىق سىلكىندى، نەق مەيدان بىردىنىلا قالايمىقانلىشىپ كەتتى، ئوقۇتقۇچى مۇنبەردە تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇردى، سىلكىنىش يەنىمۇ كۈچەيگەن ۋاقىتتا مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنى تېزدىن سىنىپتىن چىقىرىپ، ئۆزى ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلدى.

  مۇخبىر مىڭشەن ئوتتۇرا مەكتىپىگە يېتىپ كېلىپ، نۇرغۇن ئوقۇتۇش بىنالىرىنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆردى، بىنانىڭ سىرىتىدە نۇرغۇن يېرىقىلار بار ئىدى ۋە ھەممە يەردە كېسەك پارچىلىرى تۇراتتى. ھازىر مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىنالىرى تاقالدى.

  ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋاقتىدا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقتىن، مەكتەپتىكى 3800 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى ئامان قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە