باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن 10 مىڭ كىشى ئىگىلىك تىكلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ

2013.04.24 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن 10 مىڭ كىشىنى ئىگىلىك تىكلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرۇشنى پىلانلىغان.

  بۇ قېتىم 2013 ـ يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەردىن ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلىنىشنى خالايدىغانلار نۇقتىلىق تەربىيەلىنىدىكەن. كۇرسانتلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىگىلىك تىكلەش كۇرسىنى ئېچىش شارائىتىنى ھازىرلىغان ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بېكىتكەن ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدا تەربىيەلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىگىلىك تىكلەش ئېڭى، ئىگىلىك تىكلەش پىلانى ۋە ئىش ئورنىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشنىڭ مەزمۇنى قىلىنىدىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2013 ـ يىللىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەنلەرنىڭ تەربىيەلەش خىراجىتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىدىن ھەل قىلىنىدىكەن، ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن 600 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە