باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە پىرېزىدېنتى پاك گۇنھى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىمىزدىن ھال سورىدى

2013.04.22 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورىيە پىرېزىدېنتى پاك گۇنھى 21-ئاپرېل دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يائەن شەھىرىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىمىزدىن ھال سورىغان.

  پاك گۇنھى تېلېگراممىدا مۇنداق دېگەن: 20-ئاپرېل يائەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر ئۆلۈم -يىتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى بولدى، مەن ۋە كورىيە خەلقى بۇنىڭدىن ئىنتايىن قايغۇردۇق. بىز يائەندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ھال سورايمىز، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن تېزدىن غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى، تانزانىيە پىرېزىدېنتى كىكۋېت، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى، كانادانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بائىرد قاتارلىق خەلقئارادىكى سىياسىيونلار، ھەمدە گېرمانىيە، تايلاند، نېپال قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ئېلىمىزدىن ھال سورىغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}