باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قوراللىق ساقچى قىسىم قاتناش ئورۇنلىرى ئېغىر ئاپەت رايونىدىكى تەيپىڭ كەنتىگە بارىدىغان يولنى غەلبىلىك ئاچتى

2013.04.22 09:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن ئېغىر ئاپەت رايونى لۇشەن ناھىيەسى باۋشىڭ يېزىسىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىم قاتناش قىسمى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق باش ئىشتابىدىن ئىگىلىنىشچە، 21-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قوراللىق ساقچى قىسىم قاتناش ئورۇنلىرى ئېغىر ئاپەت رايونىدىكى تەيپىڭ كەنتىگە بارىدىغان بىردىن-بىر يولنى غەلبىلىك ئېچىپ، ئارمىيە ۋە خەلق خەتەردىن قۇتقۇزۇش قىسمى ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيارلىرىنىڭ تەيپىڭ رايونىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشچە، بۇ يولنىڭ ئىككى كىلومېتىر يېرى گۈمۈرۈلۈپ كەتكەن، نورغۇن جايلىرىنى چوڭ تاش پارچىلىرى توسۇۋالغان. بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 50 توننا كېلىدىغان ئىككى تاش ئوڭ تەرەپتىكى تاغتىن غولاپ چۈشكەن. قوراللىق ساقچى قىسىم ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىش ئەترىتىنىڭ 40 خادىمى قالدۇق يەر تەۋرەشتە تاش غولاپ چۈشۈش خەتىرىگە قارىماي، 6 كىران بىلەن 21-ئاپرېل سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يولنى ئاچقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}