باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پوچتا بانكىسى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پۇلىنى ھەقسىز ئەۋەتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى

2013.04.22 09:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتى 21-ئاپرېل جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىگە جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى ۋە جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش يوللانمىسى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پۇلىنى ھەقسىز ئەۋەتىش مۇلازىمىتى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بەلگىلىمە بويىچە، 21-ئاپرېلدىن تارتىپ، ئومۇمەن شەخسلەر پوچتىخانا تىجارەت كۆزنىكىگە بېرىپ بىر نەرسە ئەۋەتمەكچى بولسا، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يائەننىڭ يۈچېڭ رايونى، مىڭشەن رايونى ھەم يائەنگە قاراشلىق يىڭجىڭ، خەنيۈەن، شىيۈەن، تيەنچۈەن، لۇشەن، باۋشىڭ قاتارلىق ئالتە ناھىيەسىدىكى خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرى، قىزىل كرېسىت جەمئىيەتلىرى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشخانىسى، خەيرى-ساخاۋەت ئورگانلىرىغا بارىدىغان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ ھەققى ۋە ئۇلارنىڭ ئورالما ھەققى، پېچەتلەش ھەققى بىردەك ئېلىنمايدۇ.

  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش يوللانمىلىرىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەر كىيىم، يوتقان-كۆرپە، يېمەكلىك، دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پوچتا ئامانەت بانكىسى جۇڭگو قىزىل كرېسىت باش جەمئىيىتى ۋە جۇڭخۇا خەيرى-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىگە ئەۋەتىلگەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پۇللىرىدىن مۇلازىمەت ھەققى ئالمايدۇ؛ جۇڭگو قىزىل كرېسىت باش جەمئىيىتىنىڭ ھېسابات نومۇرى: 111119995؛ جۇڭخۇا خەيرى-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ ھېسابات نومۇرى: 111110002.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}