باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13 ياشلىق بالا 12 ياشلىق سىڭلىسى بىلەن خارابە ئاستىدا قالغان مومىسىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى

2013.04.22 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. تۆنۈگۈن كەچ سائەت 6 ئەتراپىدا، لۇشەن ناھىيەسى لوڭمېن يېزىسى لوڭشىڭ كەنتىدىكى ياڭ گۇيشياڭ چېڭدۇ جۇڭگوچە تىبابەت ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندى، 76 ياشقا كىرگەن ياڭ گۈيشياڭنىڭ پۇتى سۇنغان، كۆكرەك ۋە دۈمبىسىمۇ ئېغىر يارىلانغان، يۈزى سۈرۈلۈپ كەتكەن.

  يەر تەۋرىگەندە، ئۆينىڭ لىمى ئۇنى ئىشىك ئالدىدا بېسىۋالغان بولۇپ، ئۇ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن خىش ۋە ياغاچ لىملار ئارىسىدا قالغان. ئۇنىڭ 13 ياشلىق ئەۋرىسى قاتارلىقلار قولى بىلەن خىشنى كولاپ چىقىپ، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغان.

  قۇتقۇزۇشتىن كېيىن، خەۋپتىن قۇتۇلغان ياڭگۇيشياڭ بولغان ئىشلارنى ئەسلەپ، يەر تەۋرىگەندە مېھمانخانىدا دەم ئېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆيىنىڭ ياغاچتىن سېلىنغان ھويلىلىق ئۆي ئىكەنلىكىنى، ئۆيىدە ئۆزىدىن باشقا قىز ۋە ئوغۇل ئەۋرىسىنڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

  ياڭ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: « ئۆينىڭ لىمى ھەش-پەش دېگىچە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، تاممۇ ئۆرۈلۈپ چۈشتى، بەش سىكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا پۈتۈنلەي كۆمۈلۈپ قالدىم، پەقەت بېشىملا سىرتقا چىقىپ قالدى.» ياڭ گۈيشياڭ ئۈمىدسىزلەنگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ 13 ياشلىق ئەۋرىسى لو لىنخەي 12 ياشلىق سىڭلىسى جياڭ چىڭمېي بىلەن بىرلىكتە خەتەردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، خارابىلىكتىن مومىسىنى ئىزدىگەن. ياڭ گۈيشياڭ ئەۋرىسىنىڭ ئۇنى كولاپ چىقارغانلىقىنى، قولىدىن قان چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. تۆت ئادەم 30 مىنۇتتەك كولاپ، ياڭ موماينى ئاخىرى قۇتقۇزۇپ قالغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە