باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن قارشى تۇرغۇچىلىرى توقۇنۇشتى

2013.04.22 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن قارشى تۇرغۇچىلىرى ئۈلۈشكۈن پايتەخت قاھىرە قاتارلىق جايلاردىكى بەزى رايونلاردا توقۇنۇشتى، توقۇنۇشتا 115 ئادەم يارىلاندى. مىسىر ساقچى دائىرىلىرى تۈنۈگۈن توقۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك 39 ئادەمنى قولغا ئالدى.

  19-ئاپرېل، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىنىڭ نەچچە مىڭ قوللىغۇچىسى پايتەخت قاھىرەدىكى ئالىي سوت مەھكىمىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، مىسىرنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىنى تازىلاشنى تەلەپ قىلدى. ئارقىدىن قوللىغۇچىلار بىلەن قارشى تۇرغۇچىلار توقۇنۇشتى. شۇ كۈنى ئالېكساندرىيە، داكاھلىيا ئۆلكىسى قاتارلىق جايلاردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر بولدى.

  بۇ قېتىمقى ئېتىراز بىلدۈرۈشنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئىسلام سىياسىي كۈچلىرى قوزغىغان، ئۇلار ئەدلىيە سىستېمىسىدىكى سابىق ھاكىمىيەت ئەمەلدارلىرىنى تازىلاشنى تەلەپ قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە