باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«2012-يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى» ئېلان قىلىندى

2013.04.22 10:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى 21-ئاپرېل «2012-يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى»نى ئېلاپ قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2012-يىللىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى»دا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بۇرمىلانغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى.

  كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق قوغدۇغۇچىسى» دەپ ئاتىۋالغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «2012-يىللىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى»دا، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 190دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئەيىبلەندى، بىراق ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىدى. ھەقىقەت شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئامېرىكىدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەۋجۇت، ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. بۇ خاتىرىدە، پەقەت 2012-يىلدىكى ئامېرىكىنىڭ كىشلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى خاتىرىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسلىسىدىن خەۋەر تېپىشىگە ئاسانلىق يارىتىلدى. كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ھاياتلىق ۋە كىشىلىك بىخەتەرلىك، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇقى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقى، ئېرقىي كەمسىتىش، ئانا-بالىلار ھوقۇقى شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلش قاتارلىق ئالتە تەرەپتىن ئامېرىكىدا مەۋجۇت بولىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئاشكارىلاندى.

  بۇ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يىلدا بىر قېتىم باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا قارىتا ئۇدا 14 يىل ئېلان قىلغان ئامرىكىنىڭ كىشلىك ھوقۇق خاتىرىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە