باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تاراتقۇلارنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

2013.04.22 14:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 21-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندا ئۆزى بىلەن بىللە بارغان مۇخبىرلارنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. لى كېچياڭ مۇخبىرلارنىڭ جاپالىق خىزمەت قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت يەتتىدە، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا ئەمدىلا تاڭ ئېتىشى بىلەن، بىر كېچە تۈزۈكرەك ئۇخلىمىغان لى كېچياڭ چېدىردىن چىقىپ، ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان مۇخبىرلاردىن ھال سورىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى سەل پۈتۈپ قالغان ئىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: سىلەر خەۋپكە قارىماي، ئاپەت بولغان رايونغا كېلىپ، كۆپ تەرەپلەردىن خەۋەر بېرىپ، نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدىڭلار. ھازىرغىچە، خىزمەتلەر تەرتىپلىك، ئىلمىي ئىشلىنىۋاتىدۇ. سىچۈەن خەلقى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئاپەت ئالدىدا جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، بولۇپمۇ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش روھىنى نامايان قىلدى، سىلەر خەۋپكە قارىماي نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدىڭلار.

  لى كېچياڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاخىرىدا سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. سىلەر يەر تەۋرەش ھامان سىرتقا ئۇچۇر يەتكۈزگەچكە، بىرنىڭ قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش كۈچلىرىمىز تېزدىن نەخ مەيدانغا تېز يېتىپ باردى. سىلەر ۋاقتىدا خەۋەر بەرگەچكە، يەرلىك ئامما باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى، دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپتى، ساراسىمە پەيدا بولمىدى. سىلەر ۋاقتىدا خەۋەر بەرگەچكە، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگونىڭ ساداسىنى يەتكۈزەلىدۇق، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېلىپ بېرىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرالىدۇق شۇنداقلا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزالىدۇق. ئاخىرىدا بىز ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشىمىز، ئاپەتنىڭ ئاقىۋىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە