- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پاكىستان سوتى مۇشەررەفنى ئەدلىيە بويىچە قاماپ قويدى
2013.04.22 14:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سابىق پىرېزىدېنت مۇشەررەف 2007-يىلىدىكى جىددىي ھالەتنى يولغا قويۇشتا نۇرغۇن سوتچىلارنى قانۇنسىز قاماپ قويۇشقا چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنغانلىقتىن، پاكىستاندىكى بىر تېررورلۇققا قارشى سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن: مۇشەررەفنى 14 كۈن تۈرمىدە قامايدىغانلىقى جاكارلىغان. سوت مەھكىمىسى 4-ماي سوت ئېچىپ بۇ دېلوغا يەنە بىر قېتىم قاراپ چىقىدىكەن. لېكىن مۇشەررەفنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىپ، سوت مەھكىمىسى ئۇنى قامايدىغان جاينى قارار قىلمىغان. بۇ قېتىمقى سوتتتىن كېيىن مۇشەررەف قوغدىغۇچى خادىملارنىڭ ھىمايىسى ئارقىسىدا سوتتىن ئايرىلدى ھەمدە ساقچى باش ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە