باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەشيالىرىنى جىددىي ئورۇنلاشتۇردى

2013.04.22 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:20-ئاپرېل سىچۈەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرىنىڭ لۇشەن ناھىيەسىدە يەتتە بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى خەن چاڭفۇ دەرھال مەخسۇس تېمىلىق يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى جىددىي ئورۇنلاشتۇردى، يېزا ئىگىلىك سىستېمىسىدىكىلەردىن ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن كېيىن ئېغىر يۇقۇم پەيدا بولماسلىق، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئېغىر ھايۋانات يۇقۇمى ھەققىدە نۇقتا بەلگىلەپ ئالاقىلىشىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە ئېغىر ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشقا جىددىي تەييارلىق قىلىش ئەترىتى 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرىۋېتىپتۇ، ئۇلار زۆرۈر تېپىلسىلا، دەرھال ئاپەت بولغان رايونغا بېرىپ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يەنە سەھىيە، ئارمىيە، ھاۋا رايى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دېزىنفىكسىيە دورىلىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە پائال ماسلاشتۇرۇپ، ئاپەت بولغان رايوننىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}