باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹كۈيزار›› يېڭى كۈچ ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارقىتىلدى

2013.04.22 16:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى، ‹‹تەڭرىتاغ›› ژۇرنىلى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ‹‹كۈيزار›› يېڭى كۈچ ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ياش يازغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 15 – ئاپرېل شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدە 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا تۇغۇلغان ياش ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيىتى جانلاندى. ‹‹تەڭرىتاغ›› ژۇرنىلى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى يېڭى كۈچلەرنى يېتەكلەش مەقسىتىدە، 2010 – يىلىدىن باشلاپ مەخسۇس 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا تۇغۇلغان ياش ئاپتورلار ئۈچۈن ‹‹يېڭى كۈچ›› سەھىپىسىنى تەسىس قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ سەھىپىدە ئېلان قىلىنىدىغان ئەسەرلەر تېز كۆپەيدى، نۇرغۇن ئەسەر خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.

  بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدە بىر يىلدىن بۇيان ‹‹تەڭرىتاغ›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان، ھەر خىل ژانىردا يېزىلغان بەش پارچە ئەسەر مۇكاپاتلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە