باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2012-يىلى جۇڭگو تاموژنا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش 10 چوڭ دېلوسىنى ئېلان قىلدى

2013.04.24 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: 26-ئاپرېل دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، تاموژنا باش مەھكىمىسى 22-ئاپرېل 2012-يىللىق جۇڭگو تاموژنانىسىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر 10 دېلونى ئېلان قىلدى. مۇخبىرنىڭ تاموژنا باش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2013-يىلى جۇڭگو تاموژنىسىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تاموژنا قوغداش ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مەملىكەت ئىچى كارخانىلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىگە داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش؛ تەشۋىقاتنى داۋاملىق كۈچەيتىش، ھەر ساھە بولۇپمۇ ئىمپورت ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ تاموژنىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىگە بولغان چۈشىنىشىنى ئاشۇرۇش، كارخانىلارنى قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشقا يېتەكلەش، ئىچكى تاشقى جەھەتتىن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تاموژنىدىن قوغداش ھەمكارلىق مېخانىزمى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە