باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولماقتا

2013.04.25 11:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى ئاز دېگەندىمۇ 2مىليون 500 مىڭ كىشىگە يەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 30 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گرىپتار بولۇش نىسبىتى %50تىن يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ئاران %18.8 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولغانلار ئارىسىدا كېسىلىنى بىلىش نىسبىتى، داۋالىنىش نىسبىتى ۋە كونترول قىلىش نىسبىتى تۆۋەنرەك بولۇپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل بولماقتا.

  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانىنىڭ پىروفېسسورى شۈ شىنجۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭلىقلار گۆش يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇزنىمۇ كۆپ ئىستېمال قىلغاچقا، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولۇش نىبسىتى مەملىكەت بويىچە يۇقىرى. سەل قاراشقا بولمايدىغىنى شۇكى، شىنجاڭدىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولغانلارنىڭ كېسىلىنى بىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولغانلىقىنى بىلىدىغانلار %30.2 نىلا ئىگىلەيدۇ؛ داۋالىتىش نىسبىتىمۇ تۆۋەن، ئۆز كېسىلىنى بىلىدىغانلار ھەم كېسىلىنى داۋالاتقانلار نىسبىتى ئاران %25 نى ئىگىلەيدۇ؛ كونترول قىلىش نىسبىتى تۆۋەن، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بولغانلارنىڭ داۋالىنىشنى ئۈزۈپ قويماي، كېسىلىنى كونترول قىلغانلىرى تېخىمۇ ئاز، كونترول قىلىش نىسبىتى ئاران %.6

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ پىروفېسسورى فېڭ يۈەنيۈەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرىنىڭ كېسىلىنى بىلىش نىسبىتى، داۋالىنىش نىسبىتى، كونترول قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئامما ئۆزىنىڭ قان بېسىم ئەھۋالىنى بىلمەيدۇ. مۇۋاپىق غىزالىنىپ، مۇقىم داۋالانسا ۋە ساغلام تۇرمۇش كەچۈرسە، بۇ خېل كېسەلگە گرىپتار بولغانلارنىڭ %75ىنىڭ كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە كونترول قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، قان بېسىمنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە