باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىرنىڭ لۇكسوردىكى ئىسسىق ھاۋا شارى بىلەن ساياھەت قىلىش تۈرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

2013.04.25 09:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:مىسىرنىڭ لۇكسوردىكى تىجارەتتىن توختىغىنىغا ئىككى ئاي بولغان ئىسسىق ھاۋا شارى بىلەن ساياھەت قىلىش تۈرى 21-ئاپرېل ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. لۇكسور ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ئېززات سائاد ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تىجارەت قىلىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى تۇنجى ئىسسىق ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ، لۇكسوردىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، 45 مىنۇت ئۇچتى.

  ئىسسىق ھاۋا شارى بىلەن ساياھەت قىلىش تۈرى يەرلىكنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى، بۇ ساياھەت تۈرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ئىسسىق ھاۋا شارى شىركىتىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ۋە يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. مىسىر ئىسسىق ھاۋا شارى شىركىتى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەھمەت ئابۇد: «ئىسسىق ھاۋا شارى شىركىتى بىرلەشمىسى ئاۋىياتسىيە تارماقلىرى بىلەن ئىسسىق ھاۋا شارىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى، بىز بىخەتەر ئۇچۇشقا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىمىز»، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە