باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا بىر تۈركۈم كادىرلار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

2013.04.25 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورگان ژۇرنىلى «بۈگۈنكى شىنجاڭ»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان. تىزىملىك تۆۋەندىكىچە:

  ھۆرىگۈل جاپپار ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەينلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىدىن قالدۇرۇلدى.

  جارۇللا ھىسامىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكۇمنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي ئەزاسى، ھەيئەت ئەزاسى، شەھەر باشلىقلىقىدىن قالدۇرۇلدى.

  ماغاۋ سەيىتھەمزە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يەر-زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىق ۋە نازىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى.

  ليۇ يەنلىياڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقى، مۇدىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ھەمكارلىشىش رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىقىدىن قالدۇرۇلدى.

  مەۋكىن سەيىتھەمزە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  ليۇ جيەنشىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى.

  ۋەن خەيچۈەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى.

  چېڭ جېنشەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى.

  گۈلشات ئابدۇقادىر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى.

  تيەن جيەنروڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومنىڭ ئەزالىقىغا، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى رەئىس ياردەمچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يەر-زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىقى، مۇئاۋىن نازىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  ۋاڭ شىجياڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومنىڭ ئەزالىقىغا، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى رەئىس ياردەمچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقى، نازىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  دۇڭ شىنگۇاڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  مەمتىمىن ياسىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىدىن قالدۇرۇلدى.

  چۈجىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇليىتى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىدىن قالدۇرۇلدى.

  ئەسقەت كىرىمباي ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىقىدىن قالدۇرۇلدى.

  خۇاڭ چاڭيۈەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىدىن قالدۇرۇلدى.

  ۋاڭ ۋېي ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىدىن قالدۇرۇلدى.

  قىزايجان سىيىلخوجا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىدىن قالدۇرۇلدى.

  ئايۇپ تېيىپ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىدىن قالدۇرۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە