باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ چىشەن ۋېيتنام كومپارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

2013.04.25 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ چىشەن 24-ئاپرېل بېيجىڭدا ۋېيتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزىي تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نىگۇ ۋاندۇ باشچىلىقىدىكى ۋېيتنام كومپارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ چىشەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋېيتنام كومپارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ ۋە ئەينەك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ۋېيتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە