باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى

2013.04.25 16:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ش ئا ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىسىتىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى كېررى بۈگۈن بىريۇسسېلدا مۇنداق دېدى: ‹‹ش ئا ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر ئاساد تەختتىن چۈشۈشى كېرەك، دەپ قارىغان بولسىمۇ، سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى››.

  بۇ كېررىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بولغاندىن كېيىن، ش ئا ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەر مىنىستىرلار يىغىنىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يىغىندىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ‹‹ ش ئا ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى جەنۋە ئاخباراتى بويىچە، سىياسىي لايىھە ئۈستىدە ئىزدىنىش سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم تاللاش، دەپ قارىدى››.

  يىغىن مەزگىلىدە، كېررى يەنە رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، سۇرىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  لاۋروۋ مۇنداق دېدى: ‹‹سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا سۆھبەت ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ھازىرغىچە ئىتتىپاقلىشالمىدى، ئامېرىكا قوللاۋاتقان <سۇرىيە پىدائىيلار قوشۇنى>غا تېررورچىلار سۇقۇنۇپ كىرىۋالدى. مۇتەخەسسىسلەر سۇرىيەنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ھەرقانداق سۆز – چۆچەكنى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈشى كېرەك ھەم بەزى دۆلەتلەرنىڭ تەكشۈرۈشنى <سىياسىيلاشتۇرۇش> ىغا قارشى تۇرۇش كېرەك››.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە