باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى تەرەپ-تەرەپتىن يېتىپ كەلمەكتە

2013.04.25 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لۇشەندىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى 24-ئاپرېل 5-كۈنىگە قەدەم قويدى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ئەڭ ھالقىلىق مەزگىلگە كىردى.

  ھاياتلىق قۇتقۇزۇش يەنىلا داۋاملاشماقتا، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى تەرەپ-تەرەپتىن ئاپەت بولغان جايلارغا توشۇلماقتا، سەھىيە يۇقۇمدىن ساقلىنىش، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىمۇ ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 24-ئاپرېل سائەت 12 گىچە، لۇشەندىكى يەر تەۋرەشتە ئىككى مىليون 310 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، 193 ئادەم قازا قىلغان، 23 مىڭ 959 ئادەم قېتىم يارىدارلار قۇتقۇزۇلغان، 6144 ئادەم دوختۇرخانىدا داۋالانغان، 4633 ئادەم دوختۇرخانىدىن چىققان، 794 ئادەم دوختۇرخانا يۆتكىلىپ داۋالانغان.

  ئاپەت بولغان جايلارنىڭ يۇقۇمدىن ساقلىنىش دېزىنفېكسىيەسى قىلىنىش كۆلىمى بىر مىليون 160 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشتى. ئاپەت بولغان جايلاردا 76 مىڭ 200 ئېغىزدىن ئارتۇق يېزا ئۆيى، 67 مىڭ يۈز ئېغىز شەھەر-بازار ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشتى. نۆۋەتتە، ئۆلكە بويىچە 237 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 1712 ئورۇندا گېئولوگىيەلىك ئاپەت يوشۇرۇن خەتىرى تەكشۈرۈپ چىقىلدى، 196 ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى ۋە ئۆتكۈنچى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ خەتىرىنى باھالاش خىزمىتى باشلاندى، 176 ئورۇندىكى مۇھىم گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى قايتا تەكشۈرۈپ چىقىلدى. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 24-ئاپرېل سائەت 14 كېچە، لۇشەن ناھىيەسى تەيپىڭ بازىرىدىن داچۈەن بازىرىغا بارىدىغان تاشيولنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپەت بولغان جايلاردىكى ئۆلكە غول تاشيوللىرى ۋە ناھىيە، يېزا تاشيوللىرىنىڭ ھەممىسى راۋانلاشقان. بۇنىڭ بىلەن، تاشيوللارنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش باسقۇچىغا ئومۇميۈزلۈك كىرگەن.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 24-ئاپرېل سائەت توققۇزغىچە، 47 مىڭ چېدىر، 199 مىڭ يوتقان-كۆرپە، ئون مىڭ قۇر كىيىم-كېچەك، ئون مىڭ قاتلىما كارىۋات، 200 قولاي ھاجەتخانا قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى ئاپەت بولغان جايلارغا يەتكۈزۈلگەن، بۇندىن باشقا، سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتىمۇ ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش زاپىسىدىن ئون مىڭ چېدىر، يۈز مىڭ يوتقان-كۆرپە، يۈز مىڭ تال شام ۋە قولچىراق، تەييار چۆپ قاتارلىق ئەشيالارنى يەتكۈزگەن. ئاپەت بولغان يېزا-بازارلاردىكى توكنىڭ ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى %95 كە، كەنتلەرنىڭ %92.6 كە، ئائىلىلەرنىڭ %96.4 كە يەتكەن. ئاپەت بولغان جايلارنىڭ خەۋەرلىشىشىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىغا كىردى. لۇشەن، چۈەنتيەن، باۋشىڭدىكى 233 مەمۇرىي كەنتنىڭ خەۋەرلىشىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى %63 كە يەتتى. يەر تەۋرەشتە بۇزۇلغان 724 خەۋەرلىشىش پونكىتىنىڭ 475 ى ئەسلىگە كەلدى. سىچۈەن ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپەت بولغان جايلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 27-ئاپرېل ئەتراپىدا ئوقۇش تولۇق ئەسلىگە كېلىدۇ، ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}