باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرىنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قارار قىلىندى

2013.04.25 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئورگان ئىسلاھاتى ۋە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 24-ئاپرېل ئېچىلغان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، 1-تۈركۈمدە 71 مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرىنى ئالدى بىلەن بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قارار قىلىندى. بۇ-ئورگانلارنى تەڭشەش ئاساسىدا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنى كونكرېت يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىرگۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاش ھوقۇقىنى ئازايتىشى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈشى-ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش شۇنداقلا بازار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق.

  «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئورگان ئىسلاھاتى ۋە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى»گە ئاساسەن، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنىڭ 1-تۈرى-مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلاش تۈرىنى ئازايتىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش بولدى، بۇنىڭدىن ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئىسلاھاتتىكى مۇھىم ئورنىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جۇڭگو خەينەن ئىسلاھات، تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چى فۇلىن مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرى يەنىلا بىر قەدەر كۆپ، تەستىقلاش تەرتىپى چۇۋالچاق، ئۈنۈمى تۆۋەن، تەستىقلاشتىن پايدىلىنىپ، شەخسىي مەنپەئەتىگە چوغ تارتىدىغان مەسىلىلەر بىر قەدەر گەۋدىلىك. مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش-ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتىكى جىددىي ۋەزىپە بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە