باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەلبداشلار پولوسىنىڭ مېزىلىك پۇرىقى تەيپىڭ بازىرىنى قاپلىدى، ساخاۋەتچى كاۋاپچى ئالىم ئېلىپ كەلگەن 2 مىڭ نان تارقىتىلىپ بولدى

2013.04.25 13:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24-ئاپرېل سائەت 12:30 مىنۇت ئۆتكەندە، لۇشەن ناھىيەسى تەيپىڭ بازىرىدىكى قاتار كەتكەن چېدىر ئالدىدىكى بوش ئورۇندا، «ساخاۋەتچى كاۋاپچى» ئالىم يەڭلىرىنى تۈرۈپ، كەپكۈرنى قولىغا ئېلىپ، 4-5 كىشىنىڭ ياردىمىدە، ئۈچ سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 300 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يېيىشىگە يېتىدىغان مېزىلىك پولو ئەتتى.

  24-ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى سائەت 11:00لاردا، ئالىم ۋە ۋەن گۇاڭجىن قاتارلىق كىشىلەر 2 مىڭ نان ۋە 3 مىڭ قۇتىدىن ئارتۇق مېنېرال سۇ، تەييار چۆپ قاتارلىق ئۈچ ماشىنا يېمەكلىكنى ئېلىپ لۇشەن تەيپىڭ بازىرىغا يېتىپ كېلىپ ئاراممۇ ئالماي، يەرلىكتىكى كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە، يېمەك ـ ئىچمەكلەرنى چۈشۈرگەن ۋە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بەرگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە