باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تارقىلىشچان زۇكامنى ئانالىز قىلىپ تەكشۈرۈشكە 302 مىليون يۈەن تولۇقلىما ئاجراتتى

2013.04.25 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئاپرىل بېيجىڭ خەۋىرى:مالىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا مەركەز مالىيەسى ئادەملەرگە يۇقىدىغانH7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋە سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغىنى ئانالىز قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئادەملەرگە يۇقىدىغانH7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمىدىن ساقلىنىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تارقىلىشچان زۇكام ۋە سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغىنى ئانالىز قىلىپ تەكشۈرۈش تۈرىگە 302 مىليون 980 مىڭ يۈەن تولۇقلىما ئاجراتتى، بۇ تولۇقلىما پۇل H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى، تارقىلىشچان زۇكام، ئېغىر جىددىي نەپەس يولى ياللۇغى شۇنداقلا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنۇلار تەلەپ قىلىنىدى: جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا ئايرىپ، تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ، خامچوت ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ھەقىقىي تېزلىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}