باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر ھەرقايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرى يەرتەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن رايونغا مېھىر–شەپقەت يەتكۈزدى

2013.04.25 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزى يېكەنكۆل قان تەقدىم قىلىش ئورنىنىڭ چوڭ زالىغا قويۇلغان تېلېۋىزوردا يائەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن رايوننىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا دائىر خەۋەر كۆرسىتىلىۋاتاتتى، نۇرغۇن ئۈرۈمچى ئاھالىسى پىدائىيلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش جەدۋىلىنى توشقۇزۇپ، ھەقسىز قان تەقدىم قىلىۋاتاتتى. يېقىنقى نەچچە كۈندىن بېرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن رايونغا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ خۇڭبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزى «يائەنگە مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش، تومۇرلارنى تۇتاشتۇرۇش» تېمىسىدا ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش جامائەت پاراۋانلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. 20 – ، 21 – ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھىرىدە 565 كىشى قان تەقدىم قىلىش ئورنى ۋە كۆچمە قان تەقدىم قىلىش ئاپتوموبىلىغا كېلىپ، ھەقسىز قان تەقدىم قىلدى، بۇ ئادەتتىكى ۋاقىتتا قان تەقدىم قىلغۇچىلاردىن بىر ھەسسە كۆپ بولۇپ، تەقدىم قىلىنغان قاننىڭ مىقدارى 113 مىڭ مىللىلېتىرغا يەتتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى 22 – ئاپرېل «يائەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە پۇل ئىئانە قىلىش مۇراسىمى» ئۆتكۈزدى، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئوتتۇرا قاتلامدىكى 200 گە يېقىن كادىر پۇل ئىئانە قىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرمۇ بەس – بەستە كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى. يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 32 مىڭ 500 يۈەن ۋە 1000 شياڭگاڭ دوللىرى يىغىلدى. 23 – ئاپرېلدىن باشلاپ، مەزكۇر دوختۇرخانا پۇل ئىئانە قىلىش دائىرىسىنى دوختۇرخانىدىكى ھەممە ئىشچى – خىزمەتچىگىچە كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىئانە توپلايدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلاردىكى مۇتەخەسسىسلەر، تېببىي خادىملارمۇ ھەر خىل يوللار بىلەن كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ، ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا جىددىي قۇتقۇزۇشقا بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹دۆلەتلىك جىددىي داۋالاش – قۇتقۇزۇش ئەترىتى›› يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، سۆڭەك بۆلۈمى، نېرىپ تاشقى كېسەللەر بۆلۈمى، كۆكرەك تاشقى كېسەللەر بۆلۈمى، بالىلار كېسەللىرى بۆلۈمى، ئاياللار كېسەللىرى بۆلۈمى، ئوپېراتسىيە بۆلۈمى، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش بۆلۈمى، ناركوز بۆلۈمى، سەھىيە ئىشلىرى بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەردىن 20 خادىمنى 24 سائەت خەۋەر كۈتۈپ تۇرۇشقا تەشكىللىدى، مەخسۇس ئاپتوموبىللارمۇ ھەر ۋاقىت يولغا چىقىشقا تەق قىلىپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}