باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما بىلەن خەمىد: سۇرىيە توقۇنۇشىنى تىنچ يول ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز

2013.04.25 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بىلەن قاتارنىڭ ئەمىرى خەمىد 23-ئاپرېل ئاق سارايدا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئىككى دۆلەت سۇرىيە توقۇنۇشىنى تىنچ يول ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ دېدى.

  ئوباما مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بۇندىن كېيىنكى نەچچە ئايدا ئامېرىكا بىلەن قاتار داۋاملىق تىرىشىپ، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنى قوللاشنى كۈچەيتىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىلىرىنىڭ سىياسەتلىرىنى زىچ ماسلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ تىنچ بولغان شەكىل ئارقىلىق سۇرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. خەمىد سۇرىيەدىكى توقۇنۇش بىر مەيدان ئېغىر، توقۇنۇشلۇق پاجىئە، سۇرىيەنىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپىسىغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئوباما ئىككىمىز ھەل قىلىش لايىھىسىنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز دېدى.

  سۇرىيەدىكى توقۇنۇش ئۈچىنچى يىلغا قەدەم قويدى، توقۇنۇشتا 70 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قازا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە