باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ماھىرجان ۋە ئازادگۈل رەجەپ 8–نۆۋەتلىك جۇڭخۇا خەيرىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2013.04.25 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:8 – نۆۋەتلىك جۇڭخۇا خەيرىيەت مۇكاپاتى 19 – ئاپرېل بېيجىڭدا تارقىتىلدى، 2012 – يىلى ئېلىمىزنىڭ خەيرىيەت ئىشلىرىغا بىر قەدەر چوڭ تۆھپە قوشقان 99 شەخس، كارخانا ۋە تۈر مۇكاپاتلاندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىككى كىشى «ئەڭ شەپقەتچان خەيرىيەت ئۈلگىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇلار شىنجاڭ جۇڭگو پامىر مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ماھىرجان ۋە جۇڭگو ئۈرۈمچى SOS بالىلار كەنتىدىكى مېھرىبان ئانا ئازادگۈل رەجەپ.

  بۇ نۆۋەتلىك جۇڭخۇا خەيرىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنى باھالاش پائالىيىتى جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى، باھالانغۇچىلار مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىدىن بولۇپ، توردا ئاۋاز بېرىش ھالقىسى 4 مىليون 500 مىڭ ئاممىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

  تاجىك ياش كارخانىچى ماھىرجان 1986 – يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان 27 يىل مابەينىدە ھەر مىللەت دېھقانلىرى، چارۋىچىلار ۋە قىسىمغا جەمئىي 36 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى ماددىي بۇيۇم ۋە ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئىئانە قىلدى. ئۇنىڭ ياردىمىدە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ۋە بىڭتۈەن تۈەن – مەيدانىدىكى 2700دىن ئارتۇق دېھقان – چارۋىچى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئۇ يىل بويى 1800 ئىستۇدېنتقا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ماھىرجان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» تەسىس قىلىپ، ھەر يىلى 40 ئىلغار ئوقۇغۇچى ۋە ئون مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنى تەقدىرلىدى ۋە مۇكاپاتلىدى. ماھىرجان ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن 2 – نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار ئىگىلىك تىكلەش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى؛ جۇڭگو ئىجتىمائىي مەدەنىيەت جامائەت پاراۋانلىقى باش جەمئىيىتى، جۇڭگو تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات ئورنى كارخانا ئىستراتېگىيەسى كەسپىي كومىتېتى ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «جامائەت پاراۋانلىقىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان داڭلىق شەخس» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  2001 – يىلى 2 – ئايدا 21 ياشلىق ئازادگۈل SOS كەنتىنىڭ 11 – نومۇرلۇق ئۆيىگە كىرىپ، بۇ ئۆينىڭ «ئانىسى» بولدى. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ توققۇز بالىغا ئانا بولۇپ، بالىلار بىلەن بىرلىكتە يېڭى ئائىلە تۇرمۇشىنى باشلىدى. ئۇ 12 يىلدىن بۇيان ئىللىق ئانا مېھرى، كەڭ قورساقلىقى، تەۋرەنمەس ئىرادىسى ۋە ئالغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان ئاكتىپ پوزىتسىيەسى بىلەن بالىلارغا زور تەسىر قىلىپ كەلدى. توققۇز بالا ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ بېقىشى، غەمخورلۇق قىلىشى ۋە تەسىرىدە ساغلام، خۇشال – خۇرام چوڭ بولماقتا، بالىلار ئۇنىڭ پەخرىگە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە ئىككى بالا شېنجېن پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن – تېخنىكا ئۇچۇر ئىنستىتۇتىغا ئۆتتى، بالىلارنىڭ ئۈچىنچىسى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈپ، شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتىدۇ، بالىلارنىڭ تۆتىنچىسى ۋە بەشىنچىسى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىردى. ئازادگۈل بالىلار كەنتىدىكى بۇ سەككىز مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلىدە مېھرىبانلىقى، سەۋرىچانلىقى، ئەستايىللىقى، ئادىللىقى ۋە خۇش مۇئامىلىسى بىلەن ئازراقمۇ قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان بالىلارغا ئانا مىھرىنى يەتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە