باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2013.04.25 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 24-چېسلا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا سىچۇەن لۇشەندىكى يەر تەۋرەشكە قارشى تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، زىياننى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە يوللاش قارار قىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيە ئۆزگەرتىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  يىغىن باشلانغاندا، لى كېچياڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، جاڭ گاۋلى، ليۇ يەندۇڭ، ۋاڭ ياڭ، ما كەي، ياڭ جىڭ، چاڭ ۋەنچۈەن، ياڭ جيېچى، گو شېڭكۇن، ۋاڭ يۇڭ قاتارلىق يىغىنغا قاتناشقان گوۋۇيۈەن رەھبەرلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، سىچۇەن لۇشەندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا قەھرىمانە قۇربان بولغان يولداشلارغا سۈكۈت ئىچىدە تەزىيە بىلدۈردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە