بوستۇندىكى پارتلىتىش دېلوسى ئامېرىكىنىڭ سىرتقا ئۇرۇش قوزغىشىغا قارشى تۇرۇش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن
2013.04.25 17:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى 24-ئاپرېل نيۇيورك خەۋىرى: ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 23-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندا قوزغىغان ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ بوستۇندىكى پارتلىتىش دېلوسىنى پەيدا قىلىشتىكى جىنايەت مۇددىئالىرىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسىتىلدى. نۆۋەتتىكى تەكشۈرۈشلەردە، ئۇلارنىڭ ئىسلام رادىكال كۈچلىرى ئىكەنلىكى، لېكىن ھېچقانداق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.(دىڭ شياۋشى خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە