باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

H7N9 بىمارلىرىنىڭ ئاتچوت قىلىش شارائىتىنى بوشىتىش قارار قىلىندى

2013.04.26 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: نۆۋەتتە كۆپچىلىك ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى بىمارلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتىگە قارىتا، ناۋادا H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا، لېكىن داۋالىغان دوختۇرخانا بۇ بىمارنىڭ ئاتچوت قىلىشقا بېكىتىلگەن داۋالاش ئورگىنى بولمىسا، يەنە بۇنى ئاتچوت قىلغىلى بولامدۇ، دەپ سوئال قويدى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يىن چېڭجى بۇنىڭغا «ئاتچوت قىلغىلى بولىدۇ»، دەپ جاۋاب بەردى.

   2050-يىلىغىچە، 60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار ئېلىمىز ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىشى مۇمكىن. شۇڭا پېنسىيە يېشىنى كەينىگە سۈرۈش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولامدۇ-يوق؟

  يىن چېڭجى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: پېنسىيە يېشىنى كەينىگە سۈرۈش مەسىلىسى-بىر ھەر تەرەپلىمە ئىجتىمائىي سىياسەت، ئېلىمىزنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، قايسى ۋاقىتتا بۇ سىياسەتنى يولغا قويۇشنى بېكىتىش كېرەك. ھازىر دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر پېنسىيە يېشىنى كەينىگە سۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەدرىجىي كەينىگە سۈرۈشتىن ئىبارەت كونكرېت مەشغۇلات ئۇسۇلىنى قوللانماقتا.

  يىن چېڭجى ئېلىمىز پېنسىيە يېشىنى كەينىگە سۈرۈشنى تەڭشەش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش-قىلماسلىقنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىدۇ دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە