باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ كورىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى يىن بىنشى بىلەن كۆرۈشتى

2013.04.26 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە كورىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى يىن بىنشى بىلەن كۆرۈشتى. يىن بىنشى كورىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن سىچۇەننىڭ لۇ شيەن ناھىيەسىدە قاتتىق يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن سەمىمىي ھال سورىدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا ئىپادىلىگەن رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە كورىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگوغا 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ياردىمى بەردى. لې كېچياڭ كورىيەنىڭ ھال سورىغانلىقىغا ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئەل ئارىسىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگونىڭ لۇ شيەن ناھىيەسىدە يەر تەۋرەپ ئۆلۈم يىتىم بولغانلىقى ۋە مال مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغانلىقىغا ھېسداشلىق قىلغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو-كورىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز موللاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئەكسىچە قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلدى. جۇڭگو كورىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىنى پائال قوللايدۇ ھەمدە كورىيە بىلەن بىرلىكتە، ۋەزىيەتنىڭ ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە