باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنىنىڭ تۈزۈتۈلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقىلدى

2013.04.26 11:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى سانلىق يىغىنى تۈنۈگۈن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنىنىڭ تۈزۈتۈلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقتى. كومىتېت باشلىقى جياڭ دېجياڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقانلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: لايىھەدە ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش تۈزۈمى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، بۇ لايىھەنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بولۇپمۇ كەڭ ئىستىمالچىلاردىن ئەتراپلىق پىكىر ئېلىشنى تەكلىپ قىلىمىز. ساختا ئېلان ۋە ئالدامچىلىق، قاقتى-سوقتى قىلىش قىلمىشلىرىنى جازالاشنى قانداق قىلىپ كۈچەيتىش يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ قىزىق مۇھاكىمە مەركىزىگە ئايلاندى. لايىھەدە ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان قىلغۇچىنىڭ يېمەكلىك ۋە دورىغا ئائىت ساختا ئېلانلاردا مەسئۇلىيەتنى بىللە ئۈستىگە ئېلىش بەلگىلىمىسى كۆپەيتىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئەزا خەن شياۋۋۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ بىر ئىلگىرلەش، ئەمما بۇ پەقەت يېمەكلىك ۋە دورا دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يېمەكلىك دورا ۋە باشقا ئېلانلارنىڭ ھەممىسىدە ساختا ئېلانلا بولىدىكەن تىجارەتچى ۋە ئېلان بەرگۈچى مەسئۇلىيەتنى بىللە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر قىسىم يېمەكلىك ۋە دورا ئېلانلىرىدىن باشقا ئېلانلارمۇ زور سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىپ، بازارنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتتى. بۇنى چوقۇم قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ جازالاش كېرەك.

  ئەزا جۇ جىڭجى: ساختا ئېلان تارقاتقان ئىستىمالچىنىڭ ئۆزى ۋە تەشكىلاتلارمۇ مەسئۇلىيەتنى بىللە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. لايىھەدە تىجارەتچىلەرنىڭ ئالدامچىلىق قىلمىشىنى جازالاش كۈچەيتىلىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇندىكى قوش ھەسسىلەپ تۆلەم بېرىش 3 ھەسسىلەپ تۆلەم بېرىش پىرىنسىپىغا ئۆزگەرتىلسە ھەمدە ئەڭ تۆۋەن تۆلەم بېرىش سوممىسى 500 يۈەن قېلىپ بېكىتىلسە دەپ تەكلىپ بەردى؛ كۆپلىگەن دائىمىي ئەزا ۋە ئەزالار جازانى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەكلىپ قىلدى. ئەزا خەن شياۋۋۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ جازالاش خاراكتېرىدىكى تۆلەم بولۇشى كېرەك، يەنى ئىستىمالچىلارغا نىسبەتەن بۇ تۆلەم ھېسابلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىغا نىسبەتەن جازا ھېسابلىنىدۇ. جازا مەلۇم دەرىجىگە يەتمىسە، جازالاش ۋە بازارنى رەتكە سېلىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە