باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەردى

2013.04.25 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شىنجاڭنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسىدە ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسى يۈز بېرىپ، خەلق ساقچىسى، مەھەللە رايونى خىزمەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 ئادەم ئۆلۈپ، ئىككى ئادەم يارىلاندى.

  23-ئاپرېل سائەت 13دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى سېرىق بۇيا بازىرىدا 3 نەپەر مەھەللە رايونى خىزمەتچىسى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلغان ھەمدە بىر تۇرالغۇ ئۆيدىن بىر نەچچە گۇمانلىق كىشى ۋە نازارەت قىلىنىدىغان تىغ ئەسۋابلىرىنى بايقاپ، تېلېفون ئارقىلىق يۇقىرىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۆيگە يوشۇرۇنۇۋالغان زوراۋان كۈچلەر تەرىپىدىن توسۇپ قىلىنغان.

  دېلودىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بازارلىق ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرى ۋە مەھەللە رايونى كادىرلىرى بۆلۈنۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئاتلانغاندا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆي ئىچى ۋە سىرتىدىكى زوراۋانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، زوراۋانلار ئۆيگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. كەينىدىن يېتىپ كەلگەن خەلق ساقچىلىرى داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان زوراۋان كۈچلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، نەق مەيداننى تىزگىنلىگەن.

  بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا زوراۋان كۈچلەردىن 6 ئادەم ئېتىپ تاشلانغان، 8 ئادەم تىرىك قولغا چۈشكەن. بۇنىڭ بىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق قەستىدە يۈرگەن گۇرۇھ ئىكەنلىكى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلانغان، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا پاش قىلىنماقتا. (دەي لەن، خۇ رېنبا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە