- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بېنگالدا بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 233 كىشى قازا قىلدى
2013.04.26 11:17
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:بېنگال ساقچىلىرى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بېكىتتى: بېنگالنىڭ پايتەختى داككانىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ساۋار بازىرىدا يۈز بەرگەن بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 233 كىشى قازا قىلدى، 1600 نەچچە كىشى يارىلاندى. بۇ بېنگالدا تارىختىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى.
ئىگىلىنىشىچە، قۇتقۇزغۇچى خادىملار كېچىلەپ ئاختۇردى، قازا قىلغانلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن. شۇ جاي ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، ساۋار بازىرىدىكى سودا مەركىزىنىڭ 8- قەۋىتىدىكى سودا بىناسى تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشتى. بىنانىڭ ئىچىدە نەچچە يۈز دۇكان، كىيىم كېچەك تىكىش زاۋۇتى ۋە بىر بانكا بار ئىدى.دائىرىلەر بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبىنى تېخى ئېلان قىلمىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە