باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران 15-ماي خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن يېڭى بىر قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ

2013.04.26 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:ئىران ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 24-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىران 15-ماي ۋېېيانادا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن يېڭى بىر قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، سۆھبەت مەزمۇنى ئاساسلىقى تېخنىكا قاتلىمىدا بولىدۇ.

  خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىمۇ 15-ماي ئىران بىلەن يېڭى بىر قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى 2011-يىلى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىران ئاز دېگەندىمۇ 2003-يىلىدىن بۇرۇن يادرو پارتلىتىش قۇرۇلمىسىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان دەپ قارىغان. بىراق دوكلاتتا ئىراننىڭ ھازىر يادرو قورالى ياساشقا ئۇرۇنىۋاتقان ئۇرۇنمايۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىغان. ئىران دائىرىلىرى يادرو ئېنېرگىيەسىدىن پەقەت تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە