باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ردا كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى يىللىق تەكشۈرۈلىدۇ

2013.04.26 11:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش ئورۇنلىرىدا خاتىرجەم ۋە ئازادە كۈتۈنۈشى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 20 – ئاپرېلدىن 10 – ئىيۇنغىچە بارلىق كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى يىللىق تەكشۈرىدىكەن. خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى يىللىق تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز ئاپپاراتلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، شۇ يىلدا بېرىلىدىغان ياردەملەرنى بىكار قىلىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇلازىمەت ئوبيېكتىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش، «ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشنى تەستىقلاش كىنىشكىسى» ئېلىپ ئالتە ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، تېخىچە تىجارەت باشلىماسلىق ياكى «ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشنى تەستىقلاش كىنىشكىسى» ۋە ئالاقىدار كىنىشكىلارنى ساختا ياساش، ئۆزگەرتىش، ئۆتنە بېرىش، ئىجارىگە بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، مۇلازىمەت ئوبيېكتىلىرى ئارىسىدا بىنورمال ئۆلۈپ كېتىش، ئوت ئاپىتى، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىپ، ئالاقىدار تارماقلار زور مەسئۇلىيەتىسىزلىك ۋەقەسى، دەپ بېكىتىش، كەسپىي مەسئۇل تارماقلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەيلا ئۆز ئالدىغا تىجارەتنى توختىتىش، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتسىز پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش، ئامما ئارىسىدا ناچار تەسىر، غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ، ئەرز – شىكايەت قىلىنىش ۋە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بىرەرىنى سادىر قىلغان بولسا، يىللىق تەكشۈرۈشتە بىردەك لاياقەتسىز، دەپ باھالىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى «يىللىق تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز»، دەپ بېكىتىلگەن كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدىكەن، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى مەسئۇل تارماقلارنىڭ تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە تۈزىتىپ بولۇشى شەرت ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە