2013-يىللىق كورىيە گۈزىلىنى تاللاش نامزاتلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خۇددى بىر ئانىنىڭ بالىسىدەك نۇرغۇن گۈزەللەرنىڭ چىرايى ئوپمۇ ـ ئوخشاش ئىكەن، كۆپلىگەن گۈزەللەر قارىماققا بىر ئادەمدەك بولۇپ، ئۇلارنى پەرق ئېتىش قىيىن بولغان، ئۇلار خۇددى بىر ھۆسىن تۈزەش ئورنىدىن چىققاندەكلا ئىكەن. رەسىملەرگە قارىساق ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ چوڭ، قاڭشارلىق، ئىڭىكى ئۇچلۇق ئىكەنلىكىنى، پەقەت قونچاقتەك ھەرخىل پوسۇندىكى كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ چىققانلىقىنىلا بايقايمىز.
تورداشلار چاقچاق قىلىپ،« بىر-بىرىنى يوقىتىپ قويغان گۈزەل ئاچا-سىڭىللار مۇشۇ مۇسابىقىدىن پايدىلىنىپ تېپىشىۋالدى»، « بۇ پەقەت چاچ پۇسۇنى ۋە كىيىم مۇسابىقىسى ئىكەن» دېيىشتى.