يەر شارىدىكى ئەڭ غەلىتە ‹‹ھۇرۇنلار كەشپىياتلىرى››
گوللاندىيە KOGA شىركىتى بازارغا سالغان بۇ خىل ھۇرۇنلار بوغچا ۋېلىسپىتىنىڭ ئىسمى Bergmonch بولۇپ، تاغقا چىققۇچىلار بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆرە تۇرۇپ ياكى يۈكۈنۈپ تاغدىن ئاسانلا چۈشەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ بوغچا ۋېلىسپىتنىڭ چاقىنى بىر قانچە مىنۇتتىلا يىغىپ بوغچىغا سېلىۋەتكىلى بولىدۇ، ئېغىرلىقى ئاران توققۇز كىلوگىرام كېلىدۇ، تاغقا چىققۇچىلار قىلچىمۇ راھەتسىزلىك ھېس قىلمايدۇ. ئۇ تاغقا چىقىشقا ئامراق، ئەمما تاغقا چىقىش ۋېلىسپىتىنى يۈدۈپ تاغدىن چۈشۈشنى خالىمايدىغان ‹‹ھۇرۇن›› لارغا قولايلىق يارىتىدۇ.