ئۈرۈمچى خەۋىرى / ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا – ئۇسسۇل، دىراما ئۆمىكى ئورۇنلىغان، ئىلى ۋارىيانتىدىكى «غۇنچەم» دىراممىسى 26 – ئاپرېل ئۈرۈمچىدە قويۇلدى.
بۇ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكى 12 – ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئۆزلىرى تەييارلىغان مەزكۇر دىراممىنى ئوينىغاندىن كېيىن، تاماشىبىنلار كۆرگەن يەنە بىر نەشىردىكى «غۇنچەم» دىراممىسى بولۇپ قالدى.
دىراممىنىڭ تۇنجى كۆرۈنۈشى تاماشىبىنلارنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى، يەنى ھازىرقى زاماندىكى كۆرۈنۈشتە، بەختىيار، خۇشال ياشاۋاتقان نۇرۇمنىڭ نەۋرىسى يىراقلاردىن ئاڭلانغان «غۇنچەم» ناخشىلىرىنى ئاڭلىغىنىدا بوۋىسىنىڭ ئەشۇ قەھرىمانلىق ئىشلىرى، مۇھەببەتلىك تارىخىنى ئەسلىگىنىدە ياشلارغا شۇ قاباھەتلىك يىللاردىكى تەڭسىزلىك، زالىملارنىڭ زوراۋانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ئۇلارغا «غۇنچەم» دىراممىسى ۋەقەلىگىنى ھېكايە قىلىپ بېرىشكە باشلايدۇ.
بۇ ھەقتە دىراممىنىڭ رېجىسسورلۇقىنى ئۆتىگەن دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك رېجىسسور ماخمۇت ھامىت مۇنداق دەيدۇ:ــــ كىسلاسسىك ئەسەرلەرنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇپ، ھازىرقى شاد تۇرمۇشىمىز بىلەن ئەينى يىللاردىكى زالىملارنىڭ دەستىدىن ۋەيران بولغان بۇ مۇھەببەت تارىخىنى سېلىشتۇرۇپ، ھازىرقىلارغا نۆۋەتتىكى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن تەتۈر بايان شەكلىدە بۇ كۆرۈنۈشنى ئالاھىدە كىرگۈزدۇق.
ــــ بۇ بىزنىڭ ئۆمىكىمىزنىڭ 2009 - يىلىدىن بۇيان«قىزىل لېنتا» قاتارلىق دىراممىلاردىن كېيىن ئورۇنلىغان ئىلىنىڭ يەرلىك ۋەقەلىكى سۆزلەنگەن تۇنجى دىرامما، داڭلىق يازغۇچىمىز زۇنۇن قادىرنىڭ بۇ دىراممىسىنى بۇ يىل 24 – فېۋرال رېپىتسىيە قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان بىر ئاي ئىچىدىلا دىراممىنى ئىشلەپ پۈتكۈزدۇق، ئەسلى پىلاندا نورۇز بايرىمىدا ئاممىغا سۇنماقچى ئىدۇق، قارىساق ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكىمۇ بۇ دىراممىنى تەييارلاپتۇ، شۇڭا ۋاقىت جەھەتتىن كېيىنگە سۈردۇق. مانا بۈگۈن بىز ئۆزىمىز تەييارلىغان، ئىلى ۋارىيانتىدىكى بۇ دىراممىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپتۇق، مېنىڭچە ئۆمىكىمىز تەييارلىشىدىكى بۇ دىراممىنى كۆرگەنلەر ئىلىنىڭ قويۇپ يەرلىك پۇرىقىدىكى «غۇنچەم» دىراممىسىدىن تېخىمۇ تولۇق بەھىر ئالالايدۇ،- دېدى ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا – ئۇسسۇل، دىراما ئۆمىكى باشلىقى مەدىنە ئابدۇرۇسۇل.
ئىگىلىشىمچە، ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا – ئۇسسۇل، دىراما ئۆمىكى بۇ دىراممىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن 1 مىليون يۈەن ئاجراتقان، مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىق داڭلىق شائىرلىرىمىز دىراممىغا زامانغا لايىق يېڭى تېكىستلارنى يېزىپ بەرگەن.