باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى بىر تۈركۈم قانۇنلار 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، «روھىي ساغلاملىق قانۇنى» يولغا قويۇلۇپ «روھىي كېسەللەشتۈرۈلۈش» تۈگىتىلىدۇ

2013.04.28 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 1-مايدىن باشلاپ، مەركەزدىن يەرلىككىچە بىر تۈركۈم قانۇن-نىزاملار يولغا قويۇلىدۇ. 1985-يىلى مۇشۇ تۈردىكى قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتى باشلانغان دەپ ھېسابلىساق، 2012-يىلى يىل ئاخىرىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنگە قەدەر، توپتوغرا 27 يىل ۋاقىتنى باشتىن كەچۈرگەن «روھىي ساغلاملىق قانۇنى» ئاخىرى بۇ يىل 1-مايدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىغان بولدى.

  «روھىي ساغلاملىق قانۇنى»دا مەجبۇرىي داۋالاش ئىدىيەسى، ئۆلچىمى ۋە تەرتىپى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، نۇرغۇن تاراتقۇلاردا دېيىلىۋاتقان «روھىي كېسەللەشتۈرۈش» تۈگىتىلىدۇ.

  ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇق شەكلىدە ئېلان قىلىنغان «شىئەن شەھىرىنىڭ مەمۇرىي تەرتىپ بەلگىلىمىسى»، 2013-يىلى 1-مايدىن باشلاپ، شىئەن شەھىرىدە رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى قېىلىپلاشتۇرۇش، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان بۇ ھۆكۈمەت نىزامى، «ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىپ ۋە ئاڭلاپ ئېلىنغان ئىسپاتلارنى ئىناۋەتسىز قىلىش»، «دەۋالاشقۇچىلار كىنىشكىسىز قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش» قاتارلىق يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن، شەھەر ئاھالىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە