چاۋشيەن بىر ئامېرىكا پۇقراسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلماقچى
2013.04.28 14:25 مەنبە: خەلق تورى
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پۇقراسى پېي چۈنخاۋ 2012-يىل 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ساياھەت قىلىش نامى بىلەن چاۋشيەننىڭ راسون شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. چاۋشيەن تەرەپ پېي چۈنخاۋنى ئالدىن سوراق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلاشتۇرغان.
ئالدىن سوراق قىلىش جەريانىدا، پېي چۈنخاۋ چاۋشيەنگە بولغان دۈشمەنلىك ھېسسىياتى سەۋەبلىك چاۋشيەنگە قارشى ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدەك جىنايى قىلمىشىنى ئېتراپ قىلغان ھەمدە ماددىي ئىسپات راست، تولۇق بولغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پېي چۈنخاۋ يېقىندا چاۋشيەننىڭ ئالىي كېسىم ئورنىغا تاپشۇرۇلۇپ، ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە