باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن ‹‹جېجياڭلىق كارخانىچىلارنىڭ تەڭرىتاغ سەپىرى›› ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2013.04.27 15:21        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر 26 – ئاپرېل كەچتە، شىنجاڭغا كەلگەن ‹‹جېجياڭلىق كارخانىچىلارنىڭ تەڭرىتاغ سەپىرى›› ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ بىلەن جېجياڭنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، جېجياڭ كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدا كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  جېجياڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، ئۆلكىلىك كارخانىلار بىرلەشمىسى، كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېيۋېن باشچىلىقىدىكى ‹‹جېجياڭ كارخانىچىلىرىنىڭ تەڭرىتاغ سەپىرى›› ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى داڭلىق 20 نەچچە كارخانىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان. بۇ كارخانىچىلار شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئالاقىدار كەسىپلەرنى تەكشۈرۈشنى چۆرىدەپ، تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرىدۇ.

  2011 – يىلى، ئاپتونوم رايون جاڭ ۋېيۋېن قاتارلىق جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد ۋە كارخانا ساھەسىدىكى يەتتە مۇتەخەسسىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىكىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلغانىدى، ئۇلار سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش، تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە زور تېمىلارنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنى بېكىتىپ، ‹‹جېجياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ تەڭرىتاغ سەپىرى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن جېجياڭنىڭ ھەمكارلىق، تەرەققىياتىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. بۇ قېتىمقى ‹‹جېجياڭلىق كارخانىچىلارنىڭ تەڭرىتاغ سەپىرى›› پائالىيىتىنى بۇ مەسلىھەتچىلەر مەخسۇس تەشكىللىگەن.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: قىسقىغىنا ئىككى يىلدا، مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ‹‹جېجياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ تەڭرىتاغ سەپىرى›› پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، نۇرغۇن ئارزۇلارنى روياپقا چىقاردى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: دۆلەت شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ ھەم مەدەت بېرىۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن شىنجاڭنى غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتىكى نۇقتىلىق رايون، غەربىي شىمالدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىستىھكام، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازا ۋە ئېنېرگىيە بازىسى قىلىپ بېكىتتى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭ رايون ئىچى ۋە سىرتىدا بازار ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغاندىن سىرت، يەنە غەربكە ئېچىۋېتىشتىمۇ بازار ئەۋزەللىكىگە ئىگە. جېجياڭدىكى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى گۈللەندۈرۈشىنى، ھەمكارلىق ماكانى ۋە ساھەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، شىنجاڭدىكى ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. شىنجاڭ ئۆز ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ياخشى سىياسەت شارائىتى ھازىرلاپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت ۋە ئوچۇق – يورۇق پوزىتسىيە ئارقىلىق، شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى گۈللەندۈرۈشكە كەلگەن كارخانىلار ئۈچۈن، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

  جاڭ ۋېيۋېن مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر جېجياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. بىز مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭنى ھالقىما تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىنى بويلاپ، جېجياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ شىنجاڭنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى پائال تەشكىللەپ، كارخانىچىلارنىڭ بۆسۈش نۇقتىسى تېپىشىغا ياردەملىشىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ۋە يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز.

  جېجياڭ ئۆلكىلىك بايلىق ۋە مەھسۇلات گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى خۇ جياڭچاۋ قاتارلىق بەش كارخانىنىڭ ۋەكىلىمۇ سۆز قىلدى. ئۇلار: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېزلىشىپ، يوشۇرۇن كۈچى ئېشىپتۇ. بىز شىنجاڭدىكى ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئېچىشقا قاتنىشىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ماكانىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز، دېيىشتى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، بەي جىجيې، خۇ ۋېي سۆھبەت يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە