باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى جۇڭگودا تۇخۇ گۆشى يېيىشتىن قورقمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

2013.04.27 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى 25-چېسلا كەچ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن تاراتقۇلار ئۇچرىشىشى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن سەمىمىيلىك بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنى فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىمەن. بىز ئىككى دۆلەت باشلىقى بۇندىن كېيىن يىلدا بىر قىېتىم كۆرۈشۈشكە، يەنى بىر قېتىم جۇڭگودا، يەنە بىر قېتىم فىرانسىيەدە كۆرۈشۈشكە كېلىشتۇق».

  ھوللاندى بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش داۋامىدا، قۇش زۇكۇمى يۇقۇمى بايقالغان بېيجىڭ ۋە شاڭخەيلەرگە باردى. ھوللاندىدىن جۇڭگودا تۇخۇ گۆشى يېيىشكە جۈرئەت قىلىش-قىلالماسلىقى سورالغاندا، ھوللاندى كۈلۈپ تۇرۇپ «تۇخۇ گۆشى يېيىشتىن قورقمايمەن» دېدى. ئۇ يەنە شاڭخەيدە جۇڭگو-فىرانسىيە ھەمكارلىقىدىكى پاستىر تەتقىقات ئورنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، ھەمدە قۇش زۇكۇمى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەشتە، جۇڭگوغا تېخىمۇ كۆپ ياردەملەرنى بېرىشنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  2013-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن تاراتقۇلار ئۇچرىشىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى جۇ يۇڭلېي فوتوسى(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}