باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

200دىن ئارتۇق مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋەكىللىرى تۈنۈگۈن تيەنئەنمىن راۋىقىغا چىقىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆردى

2013.04.28 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  27-ئاپرېل ئەتىگەندە، 200دىن ئارتۇق مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك نەمۇنىچىسى تەقدىرنامىسىغا ۋە مېدالىغا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرى تيەنئەنمىن مەيدانىغا كېلىپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، تيەنئەنمىن راۋىقىغا چىقىپ، ئۆز ئەمگىكىدىن ئېرىشكەن شان-شەرەپلەردىن ھۇزۇرلاندى.

  سائەت 6دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، نەمۇنىچىلەر ۋەكىللىرى تيەنئەنمىن راۋىقىغا چىقتى. قۇياش نۇر چېچىپ، ئۇلارنىڭ مەيدىسىدىكى ئالتۇن رەڭلىك مېداللارنى چاقناتتى. يۈننەن ئۆلكىسى نۇجياڭ لىسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇگوڭ ناھىيسى شىيۆلياڭ يېزىسى لامادى كەنتىنىڭ كەنت دوختۇرى دېڭ چيەندۈي راۋاقتىن يىراققا نەزەر تاشلىدى. ئۇنىڭ چىرايىدا ھاياجانلىق تۇيغۇلىرى جىلۋىلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە