كىيىم تىكىش زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. 27-ئاپرېل، بىنگال پايتەختى داكادا، قۇتقۇزغۇچى خادىملار ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنا خارابىسىدىن ھايات قالغان بىر ئىشچىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. بىنگال ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى ساۋار كەنتىدە 24-ئاپرېل يۈز بەرگەن بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 332 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇ بىنگال تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر بولغان بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان، سەلىف ئىسلام فوتوسى)