جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، «جۇڭگو چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك، بىپايان زىمىندا نى - نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ26 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – قۇرۇلتىيى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىينىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىدەك جۇڭگو چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى، خەلقنىڭ بەختىيارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك». بۇنى شىنجاڭغا ئىزچىللاشتۇرغاندا گۈللەنگەن باي ھەم مۇقىم بولغان گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىشىمىز لازىم. گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش شىنجاڭنىڭ «چۈشى»، ھالقىما تەرەققىيات «چۈشى»، ئەبەدىي ئەمىنلىك «چۈشى» شۇنداقلا خەلقنىڭ باي، بەختىيار «چۈشى»، بۇ «چۈش» ئۈچۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشى، ھەسسە قوشۇشى كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ياشلىرى ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى، گۈزەل شىنجاڭ بەربا قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، «جۇڭگو چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك، بىپايان زىمىندا نى - نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. ھەرمىللەت ياشلىرى توغرا دۇنيا قارىشىنى، كىشىلىك قارىشىنى، قىممەت قارىشىنى تىكلەپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش، «جۇڭگو چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشدەك ئۇلۇغ ئەمەلىيەت سىنىقىدا ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ئالغا بېسىش نىشانىنى بېكىتىپ، تىرىشىپ شانلىق كىشىلىك ھاياتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن يەنە مۇنداق دېدى؛ ھەر مىللەت ياشلىرى «ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش» نىڭ باشلامچىلىرى بولۇشى، پارتىيەنى، ۋەتەننى، شىنجاڭنى، ھەر مىللەت خەلقىنى سۆيۈشى، «ئۈچتە ئايرىلالماسلىق» ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇق، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەرمىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرىنى يېتەكلەپ، زور خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، «جۇڭگو چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق كومىتېتلىرى مەركەزنى چىڭ چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، «جۇڭگو چۈشى» ئارقىلىق ياشلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە خىزمەت قىلىشنى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىدى قىلىش كېرەك. كەڭ ئىتتىپاق كادىرلىرى پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، ئىتتىپاق كومىتېتى خىزمىتىنى چىن دىلىدىن سۆيۈپ ئىشلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياشلارغا خىزمەت قىلىپ، پارتىيە خاتىرجەم بولىدىغان، ياشلار مەمنۇن بولىدىغان مۇنەۋۋەر ياشلار خىزمىتى كادىرلىرىدىن بولۇشى كېرەك.يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىسى لو مېي ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى شۇجىسى ئاينۇر مەقسەد كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، نۇرلان ئەبىلمەجىن، چې جۈن، خەن يوڭ، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، دۇڭ شىنگۇاڭ، ئەركىن تۇنىياز، رىزۋان ئەبەي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى، 482 نەپەر ئىتتىپاق كومىتېتى قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك نازارەت، ئىدارە، كومىتېت، ئىشخانا ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى شۇنداقلا بىرقىسىم ئىتتىپاق كادىرلىرى، ياشلار بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى؛ فوتوسى)