- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پۇتىن «سىز بەختلىكمۇ؟» دېگەن سوئالغا «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن
2013.04.27 16:50 مەنبە: خەلق تورى
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 25-ئاپرېل كىرېمىل سارىيىغا قايتا كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق سوئال-جاۋاب پائالىيىتىدە، دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە رادىيو ئىستانسىسى بىۋاسىتە تارقىتىدىغان پىروگىراممىدا ئاممىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.
ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ زۇڭتۇڭلۇق ۋە زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان پۇتىن 2001-يىلىدىن باشلاپ يىلدا بىر قېتىم خەلق بىلەن ئۆزئارا سوئال-جاۋاب قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كەلدى. پۇتىن ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا قايتا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن سوئال-جاۋاب پائالىيىتىنى ئۆتكۈزمەستىن، ئۇنىڭ ئورنىغا يىل ئاخىرىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنىدى.
پۇتىندىن «سىز بەختلىكمۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ئادەمنىڭ بەختلىك ياكى بەختلىك ئەمەسلىكى پەلىسەپىۋى مەسىلە، ئۈزۈمنىڭ بەختلىك ياكى ئەمەسلىكىمنى بىلمەيمەن. رۇسىيە خەلقىنىڭ مېنى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، مانا بۇ مېنىڭ پۈتۈن تۇرمۇشۇم، بۇنى بەختلىك تۇرمۇش دېيىشكە بولامدۇ-بولمامدۇ، بۇ ماڭا نامەلۇم.»
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە