باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەرتەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى 6–كۈنىگە قەدەم قويدى

2013.04.27 14:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلدى  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 25 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ لۇشەن ناھىيەسىدە 20 – ئاپرېل 7.0 بال يەر تەۋرىدى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى 25 – ئاپرېل ئالتىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى، ھايات قالغانلارنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى 1 – ئورۇنغا قويۇلدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تەدرىجىي ھەل قىلىنماقتا.

  سىچۇەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 24 – ئاپرېل سائەت 18 گىچە، لۇشەندىكى يەر تەۋرەشتە 196 كىشى قازا قىلغان، 21 كىشى يوقاپ كەتكەن، 13 مىڭ 484 كىشى يارىلانغان، ئۆلكە بويىچە 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان، ئاپەتكە ئۇچرىغان جەمئىي 296 مىڭ كىشى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاپەت يۈزبەرگەن رايونلاردا ئۆيلەر ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان، يېزىلاردا جەمئىي 186 مىڭ 300 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلگەن، بازارلاردا 67 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلگەن.

  ئاپەتتىن كېيىن يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ پەيدا بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى 1 – ئورۇنغا قويۇلغان. لۇشەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن جەمئىي 1 مىليون 410 مىڭ كىۋادرات مېتىر يەر دېزىنفېكسىيەلىنىپ، 1809 توننا ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىنغان؛ سۇ بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەش نۇقتىسى 194 كە، داۋالاش نۇقتىسى 135 كە، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى 216 گە يەتكەن، ئاپەت يۈزبەرگەن رايونلاردا ھازىرغىچە يۇقۇم ئەھۋالى ۋە زور تاسادىپىي جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن.

  لۇشەن ناھىيەسىدىكى يېڭى شەھەر رايونىنىڭ تۇرۇبا سۈيى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ ئۆلچەمگە يەتكەن، كونا شەھەر رايونىدىكى قىسمەن سۇ مەنبەلىرى تېخى ئىچىملىك سۇ ئۆلچىمىگە يەتمىگەن. ھازىر ئالاقىدار تارماقلار كونا شەھەر رايونىدا سۇنى پاكىزلاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىش، ئاپتوموبىل بىلەن سۇ توشۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە