باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نەشر بۇيۇملىرى شىنجاڭنى سىرتقا تونۇشتۇرىدىغان ‹‹ئىسىم كارتىسى›› بولۇپ قالدى

2013.04.27 15:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون شىنجاڭنىڭ نەشر بۇيۇملىرىنى سىرتقا تارقىتىش خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى مەدەنىيەت ئالاقە جەمئىيىتى شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تونۇشتۇرۇلغان ‹‹شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت جەۋھىرى›› ناملىق كىتابلار ۋەكىللىكىدىكى بىر يۈرۈش كىتاب، ئوپتىك دېسكا قاتارلىق تۈرى ۋە شەكلى ھەر خىل مول مەزمۇنلۇق نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلدى، بۇ نەشربۇيۇملار مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ – كىچىك كۆرگەزمە ۋە مۇنبەر قاتارلىقلاردا شىنجاڭنى سىرتقا تونۇشتۇرىدىغان ‹‹ئىسىم كارتىسى›› بولۇپ قالدى.

  بۇ نەشر بۇيۇملىرى بىلەن يېڭى ئۆرپ – ئادەت، مەدەنىيەت، تارىخ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان دىققەت – ئېتىبارى يەنىمۇ قوزغىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، كىتاب تۈرىدىكى تاشقى تەشۋىقات بۇيۇملىرىدىن شىنجاڭنىڭ تارىخىي يادىكارلىقلىرى تونۇشتۇرۇلغان ‹‹غەربىي دىياردىكى يوقالغان گۆھەر››، شىنجاڭنىڭ مىللىيچە ئۇسسۇلى تونۇشتۇرۇلغان ‹‹شىنجاڭ ئۇسسۇللىرى›› قاتارلىقلار؛ ئۈن – سىن تۈرىدىكى تاشقى تەشۋىقات بۇيۇملىرى، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتى تونۇشتۇرۇلغان ‹‹شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەر››، شىنجاڭنىڭ خەلق سەنئىتى تونۇشتۇرۇلغان ‹‹جۇڭگو شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا – ئۇسسۇل، كۈي چالغۇلىرى›› ۋە ‹‹مەشرەپ››، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت – بايراملىرى تونۇشتۇرۇلغان ‹‹قۇربان ھېيت›› ۋە ‹‹نورۇز بايرىمى›› قاتارلىقلار بار. بۇ نەشر بۇيۇملىرى خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، تۈركچە، ئەرەبچە قاتارلىق بىر نەچچە خىل يېزىقتا نەشر قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى ئىقتىسادىي سودا، مەدەنىيەت ئالاقە پائالىيەتلىرىدە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. (ۋېن شۇەن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە